بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام، ئىبادەتلەرنىڭ ئېچىدە ئاللاھنىڭ نەزىرىدە دۇئادىنمۇ ئەۋزەلراق بىر ئىبادەتنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بەردى. چۈنكى دۇئادا ئاللاھ تائالانىڭ ھەممىدىن بىھاجەت ۋە ئالى ئىكەنلىكى، بەندىنىڭ ئاجىز، ھەر ۋاقىت ئاللاھقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى ئېتىراپ قىلىنىدۇ.