ئابدۇللاھ بىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئېسىدە تۇتىۋالغان ئون رەكەت نەپلە نامازنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، بۇ پەرز نامازلارنىڭ ئالدى-كەينىدە ئادا قىلىنىدىغان سۈننەتلەر دەپ ئاتىلىدۇ. پېشىننىڭ پەرىزىدىن ئىلگىرى ئىككى رەكەت، پەرزىدىن كېيىن ئىككى رەكەت، شامدىن كېيىن ئۆيدە ئىككى رەكەت، خۇپتەندىن كېيىن ئۆيدە ئىككى رەكەت، بامداتتىن ئىلگىرى ئۆيدە ئىككى رەكەت. بۇنىڭ بىلەن ئون رەكەت تامام بولدى. جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئىككى رەكەت.