بۇ ھەدىستە مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بولغان بەزى خاس ئەھۋاللىرىدىن خەۋەر بېرىدۇ، ئۇنىڭ جۈملىسىدىن: ئائىشە ئانىمىز جۇنابەتتىن يۇيۇنغاندا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ئىككەيلەن بىر قاچىدىن سۇ ئېلىپ يۇيىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇخلىماقچى بولغاندا، ئەگەر ئۇ ئادەت كۆرۈپ قالغان بولسا، كالتا ئىشتان كېيىۋېلىشقا بۇيرىتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن قۇچاقلىشىپ جىمادىن باشقا ئىشلارنى قىلاتتى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتتە ئىتىكاپ قىلغاندا، بېشىنى ھۇجرىسى تەرەپكە چىقىراتتى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەيزدار ھالەتتە ئۆيدە تۇرۇپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بېشىنى يۇيۇپ قوياتتى.