ھەدىسنىڭ مەنىسى: ۋىتىر نامىزى بەش ۋاقىت نامازغا ئوخشاش پەرز ئەمەس، لېكىن ئۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يولغا قويغان سۈننەت نامازلاردىندۇر. يەنى: ۋىتىر نامىزىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يولغا قويدى، لېكىن ئۇنىڭ ۋاجىبلىقىنى كىسىنلەشتۈرمىدى، بۇ نامازنىڭ ھەدىستىكى: "ئۇنىڭ ۋاجىبلىقىنى كىسىنلەشتۈرمىدى" دېگەن سۆزدىن ئىپادىلىنىدۇ. ۋىتىر نامىزى مۇستەھەب ياكى سۈننەت نامازلاردىن ھېسابلىنىدۇ