ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: ھەر قاچان سەپەردە بىرەر جايغا چۈشكۈن قىلساق، يۈك-تاقىلىرىمىزنى چۈشۈرۈپ، تۆگىلەرگە ئارام بەرمىگىچە، نەپلە ناماز ئوقۇمايتتۇق (گەرچە بىز نەپلە نامازغا شۈنچە ھېرىسمەن بولساقمۇ!) سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان