رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىبلە تەرەپ بولمىسىمۇ ئۇلۇغى قاياققا قاراپ ماڭسا شۇ تەرەپكە قاراپ ئۇلاغ ئۈستىدە پەقەت نەپلە نامازنىلا ئوقۇيتتى، رۇكۇ ۋە سەجدىلەردە بېشى بىلەن ئىشارەت قىلاتتى، رۇكۇ، سەجدە قىلىش، قىبلىگە يۈزلىنىش ئۈچۈن يەرگە چۈشۈپ ئولتۇرمايتتى، مەيلى ئۇ نەپلە، پەرز نامازنىڭ سۈننەتلىرى بولسۇن ياكى سەۋەبلىك نەپلە نامازلار بولسۇن ياكى قانداق بىر نەپلە ناماز بولسا بولسۇن، ئۇنى ئۇلاغ ئۈستىدە ئوقۇسا بولىدۇ، يەنە رەسۇلۇللاھ ۋىتىر نامىزىنىمۇ ئۇلاغ ئۈستىدە ئوقۇيتتى، ئەمما پەرز نامازلارنى ئوقۇمايتتى