پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جەننەتنىڭ نېمەتلىرىدىن خەۋەر بېرىپ: جەننەت ئەھلى جەننەتكە كېرگەندە، بىر چاقىرغۇچى: سىلەر ھايات ياشايسىلەر، مەڭگۈ ئۆلمەيسىلەر، سالامەت بولىسىلەر، مەڭگۈ كېسەل بولمايسىلەر دەپ چاقىرىدۇ. يەنى ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ نېمەتتە بولىدۇ. ئۇلار ئۆلۈمدىن، كېسەللىكتىن، ئاجىزلىققا ئېلىپ بارىدىغان ياشىنىپ قىلىشتىن، ئۆزلىرىگە كېلىۋاتقان نېمەتلەرنىڭ ئۈزۈلۈپ قىلىشىدىن ئەنسىرىمەيدۇ. بۇ ھەدىس ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان باشقا ھەدىسلەر، كىشىلەرنى جەننەتكە ئېلىپ بارىدىغان ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ