مۆمىننىڭ ئىشى ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ياخشىلىق يولى بىلەن ئەجەپلەنگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ، چۈنكى مۆمىن ئۆزىنىڭ دۇنيالىق ئىشلىرىدا ياخشىلىق، نىجاتلىق ۋە ئۇتۇقتىن چىقىپ كەتمەيدىغانلىقى، بۇنىڭ پەقەت مۆمىن ئۈچۈنلا بولىدىغانلىقى، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەرقانداق ۋاقىتتا ئاللاھ تائالانىڭ مۆمىنلەرگە ياخشىلىقنى تەقدىر قىلغانلىقىدىن خەۋەر بېرىپ، ئەگەر ئۇنىڭغا زىيان زەخمەت يەتسە، ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا سەۋر قىلىپ ئۇنىڭدىن ئاسانچىلىق تىلىسە، ئاللاھتىن ئەجىر-ساۋاپ ئۈمىد قىلسا، بۇ، ئۇ كىشى ئۈچۈن ياخشى بولىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا دىنى جەھەتتىن ئىلىم-مەرىپەت ۋە ياخشى ئەمەللەر نېمەت قىلىپ بېرىلسە، دۇنيالىق تەرەپتىن مال-دۇنيا، ئەھلى-ئەۋلاد بېرىلسە، ئاللاھغا شۈكۈر ئېيتىپ، تائەت-ئىبادەتنى ئۆلچەملىك ھالدا قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنى قوبۇل قىلىدۇ، بۇمۇ ئۇ كىشى ئۈچۈن ياخشى بولىدۇ