ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان نېمەتلىرىدىن ئىككى نېمەت بولۇپ كۆپ كىشىلەر بۇ نېمەتنىڭ قىممىتىنى بىلمەيدۇ، بۇنىڭدا قاتتىق زىيان تارتىدۇ، ئۇ بولسىمۇ تەننىڭ ساقلىقى ۋە بوش ۋاقىتتىن ئىبارەت بولۇپ، ئىنساننىڭ تائەت-ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈنمۇ سالامەتلىكى ياخشى ۋە يېتەرلىك ۋاقتى بولىشى كېرەك. بەزى كىشىلەرنىڭ ۋاقتى بولىدۇ لېكىن سالامەتلىكى ياخشى بولمايدۇ، بەزى كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولسىمۇ ئىلىم-مەرىپەت ئۆگىنىش ۋە ياخشى ئەمەل قىلىش ئۈچۈن ۋاقتى يەتمەيدۇ، ئەمما سالامەتلىكى ياخشى ھەم يېتەرلىك ۋاقتىمۇ بولۇپ ھورۇنلۇق قىلىپ تائەت-ئىبادەت قىلمىغان كىشى ئۆزىنىڭ ئىشلىرىدا زور زىيان تارتقۇچىدۇر