ساھابىلاردىن سۇپيان بىن ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئۆزىگە ئىسلامنىڭ ئومۇمى مەنىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدىغان ۋە ئۇنىڭغا مۇستەھكەم ئېسىلىدىغان بىر سۆزنى تەلىم بېرىشنى، ئۇ سۆزنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن باشقا ھېچ كىشىدىن سورىمايدىغانلىقى توغرىسىدا سورىغان ئېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئاللاھنى بىر بىلدىم، ھەقىقەتەن ئاللاھنى مېنىڭ رەببىم، ئىلاھىم، ياراتقۇچۇم، ھېچ شېرىكى بولمىغان ھەق مەبۇدۇم» دېگىن دېدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ تائالا پەرز قىلغان ئەمەل-ئىبادەتلەرنى تولۇق ئادا قىلىش ۋە ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان ئىشلارنى تەرك قىلىپ، ئاللاھقا بويسۇنۇپ بۇنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.