explain-icon

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۆيگۈسىنى ئۆزىنىڭ ئانىسى، ئاتىسى، ئوغلى، قىزى ۋە بارلىق ئىنسانلارغا بولغان سۆيگۈنىڭ ئۈستىگە قويمىسا، ئۇنىڭ كامىل مۇسۇلمان بولالمايدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بېرىدۇ. بۇ سۆيگۈ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىش، ياردەم بېرىش ۋە ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلىشنى تەرك قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ.

explain-icon

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  • پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ياخشى كۆرۈش ۋە ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈنى بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ سۆيگۈسىدىن ئۈستۈن بېلىش ۋاجىپ بولىدۇ.
  • پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا بولغان مۇكەممەل سۆيگۈنىڭ ئالامەتلىرىدىن: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنى ھىمايە قىلىش، بۇ يولدا ئۆزىنىڭ مېلىنى ۋە جېنىنى پىدا قىلىش.
  • پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا بولغان سۆيگۈ ئۇنىڭ بۇيرىغان ئىشلىرىغا ئىتائەت قىلىش، بىلدۈرگەن خەۋەرلىرىنى تەستىقلاش، چەكلىگەن ۋە توسقان ئىشلىرىدىن يىراق بولۇش ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، بىدئەتنى تەرك قىلىش قاتارلىقلارنى تەقەززا قىلىدۇ.
  • پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەققى ھەر قانداق بىر ئىنساننىڭ ھەققىدىن ئۇلۇغ ۋە بۈيۈكتۇر، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بولسا، بىزنىڭ ئازغۇنلۇقتىن ھىدايەت تىپىشىمىز، دوزاختىن قۇتۇلىشىمىز ۋە جەننەت بىلەن ئۇتۇق قازىنىشىمىزنىڭ سەۋەبكارىدۇر.