پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇئمىنلەرنىڭ ھەممىسىدە ياخشىلىق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى، لېكىن ئۆزىنىڭ ئىمانى، ئىرادىسى كۈچلۈك، مال-دۇنياسى كۆپ ۋە كۈچ-قۇۋۋەت ئىشلىرىدا باشقىلاردىن ئۈستۈن بولغان كىشى ئاللاھ تائالاغا ئاجىز مۇئمىندىن ياخشى كۆرەلگۈچىدۇر. ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇئمىنلەرگە: ئاللاھقا تايىنىپ، ئاللاھدىن ياردەم سوراپ ۋە ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىپ دۇنيا-ئاخىرەت ئىشلىرىدىن ئۆزلىرىگە مەنپەئەتلىك بولغان ئىشلارنىڭ سەۋەپلىرىنى قىلىشقا تەۋسىيە قىلدى. ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى دۇنيادا مەنپەئەتلىك بولغان ئىشلارنى قىلىشتىن چىكىنىش، ھورۇنلۇق قىلىش، بوشاڭلىق قىلىش ۋە ئېغىر بولىۋېلىشتىن چەكلىدى. مۇئمىن ئىش-ئەمەللەرنى قىلىشتا تېرىشچانلىق قىلسا، سەۋەپلەرنى قىلسا، ئاللاھدىن ياردەم سوراش بىلەن بىرگە ئاللاھدىن ياخشىلىقنى تەلەپ قىلسا، ئۇ كىشى ھەممە ئىشلىرىنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرۇشى كېرەك، شۇنى بىلىشى كېرەككى، ئاللاھ تائالانىڭ تاللىغىنى ئۇ كىشى ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئۇنىڭدىن كېيىن بىرەر بالا-مۇسىبەت يەتسە، تۆۋەندىكى سۆزنى دېمىسۇن: ئەگەر مەن مۇنداق، مۇنداق قىلغان بولسام مۇنداق بولاتتىكەن دېمىسۇن. "ئەگەر" دېگەن سۆز شەيتاننىڭ ئىشىغا يول ئاچىدۇ". بۇنىڭدا يوقالغان نەرسىگە ھەسىرەتلىنىپ تەقدىرگە قارشى چىقىش بولىدۇ، لېكىن ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە بويسۇنۇپ، رازى بولۇپ: «ئاللاھنىڭ تەقدىرى، ئاللاھ خالىغان ئىشنى قىلدى» دېسۇن. ئەگەر چەكلەنگەن ئىش يۈز بېرىپ قالسا، بۇ ئاللاھنىڭ ئىرادىسىنىڭ تەقەززاسى بىلەن بولىدۇ، ئاللاھ خالىغاننى قىلغۇچىدۇر، ئاللاھنىڭ ھۆكمى قايتۇرۇلمايدۇ، ئۇنىڭ ھۆكمىگە بىرسى قوشۇمچە قىلالمايدۇ.