بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بەندىنىڭ رەببىگە ئەڭ يېقىن بولىدىغان ۋاقىتنىڭ ئۇنىڭ سەجدىدىكى ھالىتى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بەردى. ئۇنداق بولىشى: ناماز ئادا قىلغۇچى سەجدە قىلغان ھالىتىدە ئاللاھقا خار بولۇپ، بويسۇنۇپ بەدىنىدىكى ئەڭ ئېسىل-شەرەپلىك ئەزا بولغان يۈزىنى زېمىنغا قويىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سەجدىدە دۇئانى كۆپ قىلىشقا بۇيرىدى، بۇ ھالەتتە ئاللاھ تائالاغا سۆز بىلەن ئەمەلى ھەرىكىتى بىلەن خار بولۇش-بويسۇنۇش مۇجەسسەملىشىدۇ.