ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام قەدىر كېچىسىنىڭ رامزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدە ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇ كېچىنى ئىزدەپ رامزان ئېيىنىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنلىرىدە ئېتىكاپتا تۇرغانلىقىنى، بۇ ئىشنى ئاللاھ تائالا ئۇنى ۋاپات تاپقۇزغۇچە داۋاملاشتۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلىدۇ، بۇ ھۆكۈمنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىغانلىقىغا ۋە بۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خاس ئەمەسلىكىگە، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىزدىن كېيىن ئاياللىرىنىڭمۇ ئېتىكاپ قىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلدى. يەنە بىر رىۋايەتتە: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بولسا، پەرەۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلىش ۋە دۇئا تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ئايرىم ۋاقىت ئاجرىتىش يۈزىسىدىن ئېتىكاپتا تۇرىدىغان جايىغا كىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئەلۋەتتە مەلۇم بىر ئىبادەتكە ۋاقىت ئاجرىتىش، ئىنسانلاردىن ئالاقىلىرىنى ئۈزمەي تۇرۇپ بولمايدۇ. تەيسىيرىل ئەللام (351- بەت)، تەنبىھۇل ئەفھام (3- توم، 476- بەتلەر)، تەئسىسۇل ئەھكام (3- توم، 296- بەت)