پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر يىلى رامىزاندا ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ئون كۈن مەسچىتتە ئولتۇراتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەدىر كېچىسىنى تىپىش ئۈچۈن رامىزاننىڭ ئوتتۇرىدىكى ئون كۈنىدە ئېتىكاپ قىلغان، قەدىر كېچىسىنىڭ رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە بولىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپ قىلغان، ۋاپات بولىدىغان يىلى ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش ۋە تائەت-ئىبادەتنى كۆپ قېلىۋىلىش ئۈچۈن يىگىرمە كۈن ئېتىكاپ قىلغان