ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەدىر كېچىسىنى ئىزدەپ، رامزاننىڭ ئوتتۇرىدىكى ئون كۈنىدە ئېتىكاپ قىلاتتى، بىر يىلى شۇنداق ئېتىكاپ قىلدى، ھەتتاكى رامزاننىڭ يىگىرمە بىرىنچى كۈنى بولغاندا، (ئەسلى ئاشۇ كۈنى سەھەردە ئېتىكاپتىن چىقىدىغان كۈن ئىدى) قەدىر كىچىسىنىڭ رامزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدە ئىكەنلىكىنى بىلدى. شۇڭا ساھابىلىرىغا: كىمكى مەن بىلەن رامزاننىڭ ئوتتۇرىدىكى ئون كۈنىدە ئېتىكاپ قىلغان بولسا، ئۇنى داۋاملاشتۇرۇپ ئاخىرىقى ئون كۈندىمۇ قىلسۇن، دېدى. رەسۇلۇللاھقا ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا قەدىر كېچىسىنى چۈشىدە كۆرسەتكەن، ئاندىن ئۇنتۇلدۇرغان، لېكىن شۇ يىلى ئۇنىڭ بەزى ئالامەتلىرىنى كۆرگەن ئىدى، ئۇلاردىن: پەيغەمبىرىمىز چۈشىدە بامدات نامىزى ئوقۇپ سۇ ۋە لايغا سەجدە قىلغان. ئاندىن ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋە تەئالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشىنى راستقا چىقاردى-دە، يىگىرمە بىرىنچى كۈنى كېچىدە يامغۇر ياغدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتى كەپە شەكىلدە؛ تۈۋرۈكلىرى خۇرما تۈپىدىن، تورىسى خۇرما شاخلىرىدىن يىپىلغان ئىدى. يامغۇر سۇلىرى تامچىپ تۇراتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يىگىرمە بىرىنچى كۈنى سەھەردە، سۇ ۋە لايغا سەجدە قىلدى. تەيسىيرىل ئەللام 349- بەت، تەنبىھۇل ئەفھام 3- توم 472- بەت، تەئسىسۇل ئەھكام 3- توم292- بەت