پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونى كىرسە كېچىنى تۈرلۈك ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزەتتى، ئائىلىسىنى نامازغا ئويغىتاتتى ۋە ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىن بەكرەك ئىبادەتتە چىڭ تۇراتتى، ھەم ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولۇپ ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتە بولمايتتى