مۆئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: قەدىر كېچىسىنى ئاخىرىقى ئوندىكى تاق كېچىلەردىن ئىزدەڭلار سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
explain-icon

شەرھىسى

مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قەدىر كېچىسىنى ئىزدەشكە ئۇنىڭدا ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش، كېچىدە تەھەججۈد نامىزى ئوقۇشقا يول كۆرسىتىپ دېدىكى: قەدىر كېچىسىنى رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرىقى ئوندىكى تاق كېچىلەردىن ئىزدەڭلار