رەسۇلۇللاھ رامىزاننىڭ ئاخىرىقى ئونىدا مەسچىتتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان ئىدى، بىر كېچىسى ئايالى سەپىييە رەسۇلۇللاھ يوقلاپ كەلدى، بىرەر سائەتچە پاراڭلاشتى، شۇنىڭدىن كېيىن قايتىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇردى، كۆڭلىنى ياساپ ئۇزۇتۇپ قويۇش ئۈچۈن رەسۇلۇللاھمۇ تۇردى، شۇ ۋاقىتتا ئىككى ئەنسارى بۇلارنىڭ قېشىدىن ئۆتتى. رەسۇلۇللاھنى كۆرۈپلا ھايا قىلغان جەھەتتىن ئۇلار تىز كېتىشكە تەمشەلدى. رەسۇلۇللاھ دېدىكى ئالدىرماڭلار، بۇ مېنىڭ ئايالىم سەپىييە دېدى. ئۇلار سۇبھانەللاھ! سىلىگە يامان گۇمان قىلىش كۆڭلۈمىزدىن كەچمىدى، دېگەندە. رەسۇلۇللاھ: شەيتان ئادەم بالىسىنى ئازدۇرۇشقا ئۇرىنىدۇ، ئۇنىڭ ھەر خىل ئۇسۇللىرى بار، چۈنكى ئۇ ئادەم بالسىنىڭ ئىچىدە، قان تومۇرىدا ئاققاندەك ماڭىدۇ، شەيتاننىڭ ئۇسۇللىرى ناھايىتى يوشۇرۇن ۋە مەخپى دەپ، ئۇلارنىڭ قەلبىگە ۋەسۋەسە سېلىشتىن ساقلاندى