ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەرەم مەسچىتىدە بىر كۈن ئىتىكاپتا ئولتۇرۇشنى جاھىلىيەتتە ئۆزىگە ۋەدە قىلغان، ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىن بۇ جاھىلىيەتتە قىلغان ۋەدىسىنىڭ ھۆكمى ھەققىدە رەسۇلۇللاھتىن سورىغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنى ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىشقا بۇيرىدى. تەيسىيرۇل ئەللام 353-بەت، تەنبىھۇل ئەفھام 3-توم 480-بەت