بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: پەرز نامازنى ئادا قىلىشنى ئۇنتۇپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزىۋەتكەن كىشىنىڭ، ئېسىگە كەلگەن ھامان دەرھال ئۇ نامازنىڭ قازاسىنى قىلىشقا ئالدىراش كېرەكلىكىنى بايان قىلىدۇ. چۈنكى نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلالمىغاننىڭ خاتالىقىنى يوشۇرۇش ۋە ئۆچۈرۈشنىڭ بىردىن بىر يولى ئېسىگە ئالغان ھامان دەرھال ئادا قىلىشتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَأَقِمِ الصَّلاةَ لِذِكْرِي﴾ تەرجىمىسى: «ئۇنتۇلۇپ قالغان نامازنى ئېسىڭگە ئالغان ھامان ئوقۇغىن» [سۈرە تاھا 14-ئايەت].