explain-icon

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خەۋەر بېرىپ: ئەر كىشى ئائىلىسىگە ۋە ئۆزى نەپىقە قىلىش كېرەك بولغان كىشىلەرگە يەنى ئايالى، ئاتا-ئانىسى، بالىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ غەيرىدىكى كىشىلەرگە ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىشنى ۋە ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئەجىر-ساۋاپقا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىپ نەپىقە قىلسا ئۇ كىشىگە سەدىقە قىلغاننىڭ ئەجىر-ساۋابى بولىدۇ.

explain-icon

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  • ئائىلىسىگە نەپىقە قىلىش بىلەنمۇ ئەجىر-ساۋاپقا ئېرىشىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
  • مۆمىن ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمىلىدە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى ئەجىر-ساۋاپلارنى تەلەپ قىلىدۇ.
  • ھەرقانداق بىر ئىشنى قىلغاندا نىيەتنى توغرىلاش كېرەك، ھەتتا ئائىلىسىگە نەپىقە قىلغاندىمۇ شۇنداق قىلىش كېرەك.