بۇ ھەدىستە ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ئامبارچىسىنىڭ قۇللارغا تەمىناتىنى بەرمىگەنلىكىنى بىلگەن ۋاقىتتا، ئىنساننىڭ تەمىناتى ئۆزىگە قاراشلىق بولغان كىشىلەر ھەققىدىكى مەسئۇلىيتىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، ئۇلارغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنساننىڭ قول ئاستىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلماسلىقى، ئۇنىڭغا بېخىللىق قىلىپ سەل قارىشى، ۋە تەمىناتىنى تۇتۇپ قىلىشى گۇناھنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەپلىرىدىن ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ھەدىسىنى سۆزلەپ بەرگەن