پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىراك دەرىخىنىڭ شېخىدىن قىلىنغان مىسۋاك ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان نەرسىلەر بىلەن ئېغىزنى تاماق قالدۇقلىرى ۋە يېقىمسىز پۇراقلاردىن پاكىزلاشنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. ئېغىزنى پاكلاش بولسا ئاللاھنىڭ بەندىدىن رازى بولىشى ئۈچۈندۇر، چۈنكى ئۇنىڭدا ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىش ۋە بۇيرۇقىغا بويسۇنۇش بار، شۇنداقلا پاكىزلىقتىن ئىبارەت ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان ئىش مەۋجۇتتۇر.