ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ: ئىسلامى پىترەت(تۇغما تەبىئەت) بەش تۇرلۈكتۇر: خەتنە قىلدۇرۇش، ئەزالارنى تازىلاش (سۈننەت قىلىش)، بۇرۇتنى قىسقارتىش، تىرناقنى ئېلىش ۋە قولتۇقنىڭ تۈكىنى يۇلۇش». تېكىست توغرا - بىرلىككە كەلگەن
explain-icon

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرلەرنىڭ سۈننەتلىرى ۋە ئىسلامدىن بولغان بەش تۈرلۈك ئىشنى بايان قىلىپ بەردى: ئۇنىڭ بىرىنچىسى: خەتنە قىلدۇرۇش، ئۇ ئوغۇل بالىنىڭ ئەۋرىتىدىن بوغمىقىنىڭ ئۈستىدىكى ئارتۇق تېرىنى كېسىۋېتىشتىن ئىبارەت، ئايالنىڭ ئەۋرىتىدىن بولسا جىنسى ئالاقە قىلىدىغان ئورۇننىڭ ئۈستىدىكى تېرىنىڭ ئۈچىدىن كېسىۋېتىشتىن ئىبارەتتۇر. ئىككىنچىسى: سۈننەت قىلىش بولسا ئەۋرەتنىڭ ئەتراپىدىكى تۈكلەرنى تازىلاش. ئۈچىنچىسى: بۇرۇتنى قىسقارتىش، ئەر كىشى ئۈستۈن كالپۇكىنىڭ ئۈستىگە ئۈنگەن تۈكلەرنى ئۈستۈن كالپۇكى كۆرۈنگىدەك ھالەتتە قىسقارتىش. تۆتىنچىسى: تېرناقلىرىنى كېسىش. بەشىنچىسى: قولتۇقنىڭ تۈكىنى يۇلۇش.

explain-icon

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  • بۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ سۈننىتى بولۇپ، ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ئىشلاردىندۇر، ئاللاھ تائالا بۇنىڭغا بۇيرۇپ، مۇكەممەللىك، پاكىزلىق ۋە گۈزەللىككە دەۋەت قىلىدۇ.
  • بۇ ئىشلارنى قىلىپ تۇرۇش، ئۇنىڭدىن غاپىل قالماسلىق كېرەك بولىدۇ.
  • بۇ ئىشلارنىڭ دىنى ۋە دۇنيالىق تەرەپتىن پايدىسى بار، ئۇ پايدىلاردىن: شەكلىنى چېرايلىق قىلىش، بەدىنىنى پاكىزە قىلىش، پاكىزلىقتا ئېھتىياتچان بولۇش، كاپىرلارغا ئوخشىماسلىق ۋە ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇش.
  • باشقا ھەدىسلەردە بۇ خىسلەتلەرگە زىيادە قىلىنىپ يەنە بەزى ئىشلار سۆزلەندى: مىسۋاك قىلىش، ساقال قويۇش قاتارلىقلار.