ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: «قىيامەت كۈنى كىشىلەر يالاڭئاياغ، يالىڭاچ، خەتنىسىز ھالەتتە توپلىنىدۇ». مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئەرلەر ۋە ئاياللار توپلانسا ئۇلار بىر-بىرىگە قارىمامدۇ؟دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئى ئائىشە! ئىش ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە قارىشىدىنمۇ قاتتىقتۇر» دېدى، يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئىشلار ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە قارىشىدىن مۇھىمدۇر» دېيىلگەن سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
explain-icon

شەرھىسى

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنىدە كىشىلەرنى پۇتىدا ئاياغ يوق، ئۇچىسىدا كىيىم يوق، خەتنىسى قىلىنمىغان ھالەتتە توپلايدۇ، ئۇلار قەبرىسىدىن ئانىسىدىن تۇغۇلغان ھالەتتە چىقىدۇ». ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئەر-ئاياللار يالىڭاچ بىر-بىرىگە قارىمامدۇ؟دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئىش ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە قارىشىدنمۇ مۇھىم ۋە قاتتىقتۇر»دېگەن

explain-icon

تېخىمۇ كۆپ