مۇمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى توغرىسىدا سوئال سورالغاندا، ئۇ كىشىگە ئەتراپلىق بىر سۆز بىلەن جاۋاپ بەردى، سوئال سورىغۇچىنى مۇكەممەل سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسىنى توپلىغان قۇرئان كەرىمنى ئوقۇشقا تەۋسىيە قىلىپ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قۇرئان كەرىم ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلانغان، قۇرئان كەرىم بۇيرىغاننى تولۇق ئادا قىلاتتى، قۇرئان كەرىم چەكلىگەن نەرسىلەردىن يىراق بولاتتى، ئەخلاقى قۇرئان كەرىمگە ئەمەل قىلىش، ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىدە توختاش، ئەدەپلىرى بىلەن ئەخلاقلىنىش، كەلتۈرگەن مىسال ۋە قىسسىلەردىن ئىبرەت ئىلىش ئېدى.