ئۇلۇغ ساھابە ئابدۇللاھ بىن خۇبەيب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: ئۇلار بەك يامغۇر يېغىۋاتقان قاراڭغۇ بىر كېچىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ئۆزلىرىگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بېرىشى ئۈچۈن ئىزدەپ چىقىپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى تاپتى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا:«سۆزلە» يەنى ئۇقۇغىن دېدى، ئۇ ھېچ نەرسە ئوقۇمىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سۆزىنى قايتا تەكرارلىدى، ئابدۇللاھ: ئەي ئاللاھنىڭ رەسۇلى! نېمە ئوقۇيمەن؟ دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا:« ھەر كۈنى ئەتتىگەندە ۋە كەچتە ئۈچ قېتىمدىن ئىخلاس سۈرىسى ۋە مۇئەۋۋەزەتەيننى ئوقۇساڭ، بۇ سېنى ھەرقانداق يامانلىق ۋە ناچار ئىشتىن مۇھاپىزەت قىلىدۇ»دېدى.