پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىستىغپارنىڭ شەكىللىرىدىن خەۋەر بېرىپ، ئۇنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ۋە كاتتىسىنىڭ مۇنداق دېيىش بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ: « ئەي ئاللاھ! سەن مېنىڭ رەببىم، سەندىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھەق مەئبۇد يوق، سەن مېنى يوقتىن بار قىلدىڭ، مەن سېنىڭ قۇلۇڭ، مەن ساڭا بەرگەن ۋەدەمگە، ئەھدەمگە كۈچۈمنىڭ يېتىشچە ئەمەل قىلىمەن، قىلغان ئىشلىرىمنىڭ يامانلىقىدىن ساڭا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن، سېنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان نېمىتىڭنى ئېتىراپ قىلىمەن، گۇناھ-خاتالىقلىرىمنى ئېتىراپ قىلىمەن، مېنى مەغپىرەت قىلغىن، ھەقىقەتەن گۇناھلارنى سەندىن باشقا ھېچ كىشى مەغپىرەت قىلالمايدۇ» ئالدى بىلەن بەندە ئاللاھنىڭ بىرلىكى يەككە-يىگانە ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ياراتقۇچى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ھېچ قانداق شېرىكى يوق، ھەق مەبۇد ئىكەنلىكى، ئۆزىنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىش ۋە ئىتائەت قىلىشتىن ئىبارەت بەرگەن ۋەدىسىگە كۈچىنىڭ يېتىشچە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك، چۈنكى بەندە تائەت-ئىبادەتلەرنى ھەر قانچە كۆپ ئادا قىلسىمۇ ئاللاھ تائالا بۇيرىغاننىڭ ھەممىسىنى تولۇق ئادا قىلىشقا ۋە نېمەتلەردىن شۈكۈر ئېيتىش ۋاجىپ بولغان ھەممە پەرز، ۋاجىپلارنى تولۇق ئادا قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ، ئۇ كىشى ئاللاھقا يېلىنىدۇ، يالۋۇرىدۇ، ئاللاھ بىلەن كۈچلىنىدۇ، ئۆزى قىلغان ئىشلارنىڭ يامانلىقىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھلىق تىلەيدۇ. بەندە ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ئاتا قىلغان چەكسىز نېمەتلىرىنى بىلىدۇ ۋە ئېتىراپ قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ خاتالىقى ۋە گۇناھىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن ئۆزىنى تەكشۈرىدۇ. ئاللاھ تائالاغا قىلىنغان مۇشۇ ۋاسىتىدىن كېيىن، رەببىگە دۇئا قىلىپ، ئۆزىنى مەغپىرەت قىلىشنى، خاتالىقلىرىنى يېپىشنى، ئۆزىنىڭ پەزلى، رەھمىتى ۋە ئەپۇچانلىقى بىلەن خاتالىقنىڭ جازاسىدىن ساقلىشىنى سورايدۇ. ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ئىستىغپار دۇئاسىنىڭ ئەتتىگەنلىك ۋە كەچلىك زىكىرلەردىن ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بېرىدۇ. بۇ ئىستىغپار دۇئاسىنى چىن دىلىدىن مەنالىرىنى ئېسىگە ئېلىپ، ئىشىنىپ، كۈندۈزنىڭ ئەۋۋىلىدە دېسە، يەنى كۈن چىققاندىن تاكى كۈن پاتقۇچە بولغان ئارىلىقتا دېسە-بۇ كۈندۈز ۋاقتى ھېساپلىنىدۇ- شۇ ئارىدا ۋاپات بولغان كىشى جەننەتكە كېرىدۇ. كىمىكى بۇ ئىستىغپارنى كېچىدە دەپ، ئۇ ۋاقىت: كۈن پاتقاندىن باشلاپ تاڭ يورىغىچە بولغان ئارىلىق، تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى ۋاپات بولسا جەننەتكە كېرىدۇ.