پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن بارلىق چوڭ - كىچىك گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئەڭ دىلى سۇنۇق ۋە بىچارە ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىلىدىغان مۇشۇ كاتتا سۆزلەر بىلەن دۇئا قىلاتتى، مۇسۇلمان كىشىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىپ مۇشۇ دۇئا بىلەن دۇئا قىلىشى بەك مۇھىمدۇر