بىر كىشى كىلىپ: ئى رەسۇلۇللاھ! مەن سەپەرگە چىقماقچى ئىدىم، ماڭا نەسىھەت قىلىپ قويغىن، دېدى. رەسۇلۇللاھ: ئۈزۈڭگە تەقۋادارلىقنى ھەمرا قىلغىن، ھەر بىر تۆپىلىككە چىققىنىڭدا "ئاللاھۇ ئەكبەر" دەپ تەكبىر ئېيتقىن، دېدى. ئۇ كىشى قايتىپ كەتكەندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ: ئى ئاللاھ! ئۇنىڭ سەپەردىكى مۇساپىسىنى يېقىنلاشتۇرۇپ بەرگىن ۋە سەپەرنى ئۇنىڭغا ئاسان قىلغىن، دېدى