رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ھەر ئەتىگەن-كەچتە بۇ دۇئانى ئوقۇشقا ھىرىسمەن بولۇپ، مەنىلىرى بۈيۈك بولغانلىقتىن ئۇنى ھەرگىز تاشلىمىغان. دۇئادا ئاللاھدىن «دىنىمدا سالامەتلىك» سورىغانلىقىدىن دىنىدا گۇناھ-مەئسىيەتلەردىن، خاتالىقلاردىن ۋە بىدئەتلەردىن ساقلاش مەقسەت قىلىنغان. «دۇنيالىقىمدا، ئائىلەمدە ۋە مال-مۈلكۈمدە» يەنى: دۇنيالىقىمدا مۇسىبەتلەر ۋە يامانلىقلاردىن سالامەتلىك تىلەيمەن. ئائىلەمگە يامان مۇئامىلەدە بولۇشتىن، كېسەللەر يېتىپ قېلىشتىن ۋە ئۇلارنىڭ باياشاتلىق ئىزدەپ پۈچەك ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشىدىن مال-مۈلكۈمگە ھارام، شۈبھىلىك ئىشلاردىن، ئاپەتلەردىن سالامەتلىك تىلەيمەن. «نوقسانلىرىمنى ياپقىن، قورقۇنچلىرىمدىن خاتىرجەم قىلغىن» يەنى: ھايا قىلىنىشقا تىگىشلىك ھەر بىر گۇناھ ۋە ئەيىپلەر كۆرۈنسە ياپقىن ۋە مېنى قورقىتىدىغان خەۋىپتىن خاتىرجەم ۋە سالامەت قىلغىن. «مېنى ئالدى-ئارقامدىن، ئوڭ-سول تەرىپىمدىن ۋە ئۈستۈمدىن قوغدىغىن» يەنى: ماڭا ھەر قانداق ئورۇندىن يامانلىق يەتمەسلىكى ئۈچۈن ئالتە تەرەپتىن كېلىدىغان بالانى مەندىن توسقىن. «بۈيۈكلۈكۈڭ بىلەن ئاستى تەرىپىمدىن سۈيقەست قىلىنىشتىن پاناھ تىلەيمەن» يەنى: بۈيۈكلۈكۈڭ بىلەن ئاستى تەرىپىمدىن مەخپى سۈيقەسىت قىلىنىشىمدىن پاناھ تىلەيمەن