پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تۆت ئىشتىن ئاللاھ تائالا بىلەن پاناھ تىلەيتتى. ئۇنىڭ «ئى ئاللاھ مەن سىلى بىلەن دوزاخنىڭ پىتنىسىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى: «دوزاخقا ئېلىپ بارىدىغان پىتنىدىن» دېگەن مەنىدە، ياكى مۇئەككەل مالائىكىلەرنىڭ ئەيىبلەش مەنىسىدىكى سوئالى بولىشىمۇ مۈمكىن. تۆۋەندىكى ئايەت بۇ مەنىدە كەلگەن: «دوزاخقا ھەر قاچان بىر توپ ئادەم تاشلانغان چاغدا، دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەر: سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەر كەلمىگەنمىدى؟ دەپ سورايدۇ» سۈرە مۇلك 8-ئايەت. «دوزاخ ئازابىدىن» دېگەن سۆزى: «دوزىخىلاردىن بولۇپ قىلىشىمدىن» دېگەن مەنىدە، ئۇلار كاپىرلار بولۇپ، شۇلارغا ئازاپ قىلىنىدۇ، ئەمما ئىمان ئېيتقۇچىلار دوزاخقا كىرسىمۇ ئەدەبلىنىش، گۇناھلىرىنى يۇيۇش ئۈچۈن كىرىدۇ، ئۇ يەردە ئازاپقا قالمايدۇ. «بايلىقنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن» يەنى: چوڭچىلىق، ھەددىدىن ئېشىش، پۇل-مالنى ھارامدىن تېپىش، گۇناھ ئىشلارغا سەرىپ قىلىشتىن، پۇل-مال، يۈز-ئابرۇي بىلەن پەخىرلىنىش، ھارامدىن كۆپ دۇنيا توپلاپ، تېگىشلىك يەرلەرگە سەرىپ قىلماسلىقتىن پاناھ تىلەيمەن دېگەن مەنىدە. «پېقىرلىقتىن» يەنى سەۋىرچانلىق ۋە تەقۋادارلىقنى ئۆزىگە ھەمرا قىلمىغان پېقىرلىقنىڭ زىيىنىدىن پاناھ تىلەيمەن. بۇ ھالدىكى پېقىر كىشى دىندارلىققا، ئادەمىگەرچىلىككە توغرا كەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلىپ قالىدۇ، بايلارغا ھەسەت قىلىدۇ، ئۇنىڭ مېلىدىن تەمە قىلىدۇ، دىنىنى ۋە ئابرۇيىنى خورلاشقا، ئاللاھ تائالانىڭ تەقسىماتىغا رازى بولماسلىقتەك ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدىغان ئىشلارغا سەۋەبچى بولىدۇ