سەلەمەتە بىن ئەكۋە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا سول قولى بىلەن بىر نەرسە يېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ئوڭ قولۇڭ بىلەن يېگىن» دېدى، ئۇ كىشى: قادىر بولالمايمەن ياكى يېيەلمەيمەن دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«قادىر بولالمامسەن-يېيەلمەمسەن؟»دېدى، ئۇ كىشىنى تەكەببۇرلۇق ئوڭ قولى بىلەن يېيىشتىن چەكلەپ قويدى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئوڭ قولى بىلەن يېمەك يىيەلمىدى. تېكىست توغرا - مۇسلىم رىۋايىتى
explain-icon

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر كىشىنىڭ سول قولى بىلەن بىر نەرسە يېگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇ كىشىنى ئوڭ قولى بىلەن يېيىشكە بۇيرىدى. ئۇ كىشى تەكەببۇرلۇق قىلىپ، يالغان ئېيتىپ: قادىر بولالمايمەن-يېيەلمەيمەن دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنىڭ ئوڭ قولى بىلەن يېيىشتىن مەھرۇم قىلىنىشىغا دۇئا قىلدى. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى، ئۇ كىشى شۇنىڭدىن كېيىن ئوڭ قولى بىلەن ھېچ نەرسە يېيەلمىدى.

explain-icon

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  • ئوڭ قولى بىلەن يېيىشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكى، سول قولى بىلەن يېيىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى.
  • شەرىئەت ھۆكۈملىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن چوڭچىللىق قىلغان، تەكەببۇرلۇق قىلغان كىشى جازاغا لايىق بولىدۇ.
  • ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىش بىلەن ئىكرام قىلدى.
  • بۇ ھەدىستە ھەر قانداق ھالەتتە ھەتتا يېمەك-ئىچمەك ۋاقتىدىمۇ ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن چەكلەشنىڭ يولغا قويۇلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.