جەبەلە ئىبنى سۇھەيىم: بىر يىللاردا بىز ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئاچارچىلىققا ئۇچرىغان ئىدۇق، ئۇ بىزگە خورما كەلتۈردى، بىز خورما يەۋەتقاندا ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يېنىمىزدىن ئۆتكەن ئىدى، ئۇ بىزگە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئوپچا سورۇندا، تاق يېيىلىدىغان خورما ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنى جۈپلەپ يېيىشتىن توسقانلىقىنى، پەقەت ھەمراھلىرىدىن رۇخسەت ئالسا دۇرۇس بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. «سەن بىر سورۇندا بولغىنىڭدا ئادەتتە تاق يىيلىدىغان خورما ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاشلارنى بىر لوقمىدا جۈپلەپ يېمە. چۈنكى بۇ قىلمىشىڭ سورۇندىكى قېرىنداشلىرىڭغا ئازار بېرىدۇ. ئۇلاردىن كۆپ يېۋالما، ئەمما سەن ئۇلاردىن رۇخسەت سورىساڭ: بىر قېتىمدا ئىككى تالدىن خورما يېيىشكە رۇخسەت قىلامسىلە؟ دېسەڭ ئۇلار قوشۇلسا يېسەڭ بولىدۇ» دېگەن. ئەسكەرتىش سەھىھۇل بۇخارىدا مۇنداق كەلگەن: {فرزقنا} بۇ پىئىلنىڭ تورتىلى ھەرىپى زەۋەرلىك كەلگەن، بۇنىڭغا ئاساسەن مەنا: ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيىر بىزگە بەردى، دېگەن مەنىدە، ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيىر (پائىل) بولىدۇ. بەيھەقى رىۋايەت قىلغان ھەدىستە (را) ھەرىپى پىچلىق مەجھۇل شەكلىدە كەلگەن، مەنا رىزىق بەرگۈچى ئاللاھ تائالا، دېگەن مەنىدە