رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: بىرىڭلار تاماق يەپ بولغاندا قولىنى يالىۋېتىش ياكى يالىتىۋېتىشتىن ئىلگىرى ئۇنى ئېيتىۋەتمىسۇن ياكى يۇيىۋەتمىسۇن دەپ يېمەك-ئىچمەك ئەدەپ-قائىدىلىرىدىن بىر مۇھىم قائىدىگە بۇيرىغان. چۈنكى ئۇ كىشى تاماقنىڭ قايسى بىر پارچىسىدا بەركەتنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدۇ، بەلكى قېلىپ قالغان بارماقتىكى ياكى قاچىدىكى ئاز بىر قىسىمىدا بەرىكەت بولىشى مۈمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ بارماقلارنى يالىۋېتىشكە بۇيرىغان