پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئوغلى ئۆمەر بىن ئەبۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: (ئۇ بالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تەربىيەسى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن) ئۇ يېمەك يېگەندە يېمەكنى ئېلىش ئۈچۈن قاچىنىڭ ھەممە تەرىپىگە قولىنى ئۇزىتاتتى، بۇنى كۆرگەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا يېمەك-ئېچمەك ئەدەپ قائىدىلىرىدىن ئۈچ تۈرلۈك ئەدەپ-ئەخلاقنى تەلىم بەرگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: بىرىنچى: يېمەك يېيىشتىن ئىلگىرى بىسمىللاھ دېيىش. ئىككىنچى: ئوڭ قولى بىلەن يېيىش. ئۈچىنچى: يېمەكنى ئۆزىنىڭ ئالدى تەرىپىدىن يېيىش.