ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەسجىدىدە ۋە مۇنبىرىدە خۇتبە سۆزلەپ تۆۋەندىكىلەرنى قارار قىلغان. ئەقىلنى ياپقان ۋە توسقان ھەرقانداق نەرسە ھاراقتۇر، ھاراق بولۇش ئۈچۈن ئۈزۈمدىن ياسىلىشى شەرت ئەمەس، مەس قىلىدىغان ئىچىملىكنىڭ ھەر قاندىغى ھارامدۇر، مەيلى ئۇ خورمىدىن ياكى ھەسەل، بۇغدايدىن ياسالغان بولسۇن، ھەممىسى ھاراق. ئۆمەر بۇ خۇتبىدە يەنە مۇنداق دېگەن: چۈشىنىش قېيىن بولغان ئۈچ مەسىلە بار، كاشكى رەسۇلۇللاھ بىزگە ھۆكمىنى دەپ بەرگەن بولسا، ئۈممەت شۇنىڭ بىلەن توختىغان بولسا ياخشى بولاتتى. ئۇلار: چوڭ دادىنىڭ مىراسى، ئاتا-ئانىسى، پەرزەنتى يوق كىشىنىڭ مىراسى، جازانىغا ئالاقىدار بەزى ئەھكاملار، بۇنداق دېگەنلىك رەسۇلۇللاھ بۇ ئەھكاملارنى بايان قىلمىدى دېمەكچى ئەمەس، رەسۇلۇللاھ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلدى، بۇرچىنى تولۇق يەتكۈزدى، بۇنىڭدىنمۇ نازۇك ئىنچىكە مەسىلىلەرنى بايان قىلغان، لېكىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ مەسىلىلەر توغرىسىدا كىشىلەر تالاش-تارتىش قىلمىغۇدەك رەسۇلۇللاھتىن ئېنىق بىر ھۆكۈمنىڭ بولىشىنى ئارزۇ قىلغان ئىدى