بۇ ھەدىستە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تۇلۇمدىكى سۇغا، تەمى تاتلىق بولىشى ئۈچۈن قۇرۇق ئۈزۈم ياكى خورما سېلىپ چۈلە قىلىپ قويىلىدىغانلىقىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن ئۈچ كۈن ئېچىدىغانلىقىنى، ئۈچىنچى كۈنى كەچتە چۈلىنىڭ تەمى ئۆزگەرمىسە، تۈگىشى ئۈچۈن ئۆزى ئىچىپ ۋە باشقا خىزمەتچىلەرگىمۇ ئېچۈرۈپ، تۆتىنچى كۈنىگە ئېشىپ قالمايدىغانلىقىنى، تۆتىنچى كۈنىگە ئېشىپ قالسا، چۈلىدىن ئۆزگۈرۈپ، مەس قىلغۇچى ئىچىملىككە ئايلىنىپ قىلىش ئىھتىمالى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئېشىپ قالغىنىنى تۆكۈپ، قالدۇرماي يوقۇتىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلىدۇ