ساھابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: «ئۇلار يەيدۇ، تويمايدۇ» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيىھسسالام ئۇلارغا ئۇنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، ئۇ بولسىمۇ تاماقنى ئايرىم-ئايرىم يېيىش بولۇپ بۇمۇ بەرىكەت تارتىلىپ كېتىشنىڭ سەۋەبىدۇر، چۈنكى تاماقنى ئايرىم يېگەندە ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ ئايرىم قاچىسىغا ئېلىپ يەيدۇ، تاماق بۆلۈنۈپ، بەرىكەت كۆتۈرىلىدۇ، يەنە تاماقنى بىسمىللاھ دىمەي يېيىش، ئىنسان تاماق يېگەندە بىسمىللاھ دېمەي يېسە، شەيتان تاماقنى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە يەيدۇ، تاماقتىن بەرىكەت كۆتۈرلىدۇ