ھۇزەيپە ئىبنى يەمانىدىن رىۋايەت قىلىنىشىچە ئۇ مۇنداق دېگەن: بىز رەسۇلۇللاھ بىلەن بىرەر داستىخانغا داخىل بولۇپ قالساق، رەسۇلۇللاھ تاماققا قول ئۇزاتمىغىچە بىز تاماققا قول ئۇزاتمايتتۇق. چۈنكى ساھابىلەر رەسۇلۇللاھنى ھۆرمەتلىگەنلىك يۈزىسىدىن رەسۇلۇللاھ تاماققا قول ئۇزاتمىغىچە قول ئۇزاتمايتتى. ئۇ بىر قېتىم رەسۇلۇللاھ بىلەن بىر داستىخاندا بىرگە بولۇپ قالدى. تاماقنى يەيلى دەپ تۇرۇشىغا بىر قىز ئىتتىرىلگەندەك يۈگۈرۈپ كىرىپ، بىسمىللاھ دېمەستىن قولىنى تاماققا ئۇزىتىشقا ئۇرۇنغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇ قىزنىڭ قولىنى تۇتۇۋالدى. ئاندىن بىر سەھرالىق ئادەممۇ ئىتتىرىلىۋاتقاندەك كىرىپ، تاماققا قول ئۇزاتقان ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭمۇ قولىنى تۇتۇۋالدى.رەسۇلۇللاھ بۇ ئىككەيلەننى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسە قىلىپ تېز كېلىشكە ئىتتىرگەنلىكىنى ۋە بىسمىللاھ دېمەستىن تاماق يېسە شەيتاننىڭ تاماقنى يەپ كېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. بۇ قىز كېچىك يەنە بىرسى سەھرالىق بولۇپ بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزۈرلۈك بولۇشى مۇمكىن. بىراق شەيتان ئۇلارنى ئىشقا سېلىپ، ئۇلار تاماقنى بىسمىللاھ دېمەستىن يېگەن بولسا، شەيتان تاماققا ئورتاقلاشقان بولاتتى.ئاندىن رەسۇلۇللاھ قەسەم قىلىپ تۇرۇپ، شەيتاننىڭ قولى ئۇ ئىككەيلەننىڭ قولى پەيغەمبەرنىڭ قولىدا دېگەن