پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاماقنى ئۈچ بارمىقى بىلەن، يەنى ئوتتۇرا، كۆرسەتكۈچ ۋە باش بارمىقى بىلەن يەيتتى، بۇ يىمەكنى بۇلاپ-تالاپ، ئاچ كۆزلۈك قىلماسلىقنى ئىپادىلەيدۇ، يىمەكتىن بىكار بولغاندا بارماقلىرىنى يالىۋىتەتتى. تاماقنى ئۈچ بارماق بىلەن يىيىش ياخشى، ئەمما ئۈچ بارماق بىلەن يىيىلمەيدىغان تاماق بولسا، نېمە بىلەن يېيىش مۇۋاپىق بولسا شۇنىڭ بىلەن يېيىش كېرەك