جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تاماق يېيىش ئەدەبلىرىدىن نەقىل قىلىدۇ، ئىنسان يېمەك يېگەندىن كېيىن بارماقلىرىنى ۋە تاماق يېگەن قاچىسىنى تاماق يۇقى تۈگىگىچە يالىۋىتېشى كېرەك، چۈنكى سىلەر قايسى تامىقىڭلاردا بەرىكەت بارلىقىنى بىلمەيسىلەر، شۇنىڭدەك يەنە تاماق يېيىشنىڭ ئەدەبلىرىدىن: ئىنسان تاماق يەۋېتىپ بىرەر لوقما تاماق يەرگە چۈشۈپ كەتسە ئۇنى تاشلىۋەتمىسۇن، چۈنكى شەيتان ئىنساننىڭ ھەممە ئىشلىرىغا ھازىر بولىدۇ، يەرگە چۈشۈپ كەتكەن لوقمىنى ئالىدۇ، بۇنى بىز كۆرۈپ تۇرغاندا ئالمايدۇ چۈنكى بۇ غەيبى ئىشلاردىن بولۇپ بىز كۆرمەيمىز لېكىن ئۇنى راست سۆزلىگۈچى ۋە سۆزى تەستىقلانغۇچى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ خەۋەر قىلىشى ئارقىلىق بىلىمىز، شەيتان ئۇنى ئېلىپ يەيدۇ، گەرچە ئۇ بىر لوقما تاماق بىزگە كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ لېكىن ئۇنى شەيتان بىزگە كۆرسەتمەي يەيدۇ، بۇ بىز ئىشىنىش زۆرۈر بولغان غەيبى ئىشلاردىن ھېسابلىنىدۇ