پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈممىتىنى سەپەر قىلغان بولسۇن ياكى كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن بىر يەرگە بارغاندا بولسۇن ياكى ھەر قانداق ئەھۋالدا، بىر يەرگە چۈشكەندە، ھەزەر قىلىدىغان ئىشتىن مەنپەئەت بېرىدىغان بىر نەرسىگە چېڭ ئېسىلىشقا يېتەكلىدى، ئۇ بولسىمۇ، پەزىلەت، بەرەكەت، مەنپەئەت بېرىشتە ھەر قانداق ئەيىپ-نۇقساندىن پاك، شۇ يەردىكى بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىنىدىغان ئاللاھنىڭ مۇكەممەل كەلىمىسىگە ئىلتىجا قىلىش ۋە چېڭ ئېسىلىشقا بۇيرىدى. شۇنداق قىلغاندا، شۇ جايدا تۇرغان مۇددەتتە ئۇ يەردىكى ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان نەرسىلەرنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىدىن ساقلىنىپ قالىدۇ.