ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ ئىسمىم تىلغا ئېلىنسا، ماڭا دۇرۇت ئوقۇمىغان كىشى ھەقىقى بېخىل كىشىدۇر» سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
explain-icon

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە مۇھىم بىر ئىش بايان قىلىنغان ئۇ بولسىمۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاشنىڭ ۋاجىپلىقىدىن ئىبارەتتۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ مۇبارەك ئىسمى تىلغا ئېلىنسا ئۇنى ئاڭلاپ تۇرۇپ دۇرۇت-سالام يوللىمىغان كىشىنىڭ خار ۋە بېخىل ئېكەنلىكى، بولۇپمۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاشقا قادىر بولۇپ تۇرۇپ دۇرۇت-سالام يوللىمىغان كىشىنىڭ بەك پەس ئىنسان ئېكەنلىكىنى بىلدۈرگەن