explain-icon

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ كىشىلەردىن ھەققە بويسۇنمايدىغان، جىدەلخورلىقى بىلەن ھەقنى كۆزگە ئىلمايدىغان، ئ‍ورۇنسىز كۆپ جىدەل قىلىدىغانلارنى ياكى دەۋاسى ھەق بولسىمۇ لېكىن مۇبالىغە قىلىپ چېكىدىن ئاشۇرىۋىتىدىغان، ئىلىمسىز مۇنازىرە قىلىدىغانلارنى يامان كۆرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى.

explain-icon

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  • زۇلۇم قىلىنغۇچىنىڭ زالىمدىن ھەققىنى شەرئى يول بىلەن تەلەپ قىلىشى ياقتۇرۇلمايدىغان دەۋالارنىڭ قاتارىغا كىرمەيدۇ.
  • جېدەل ۋە دەۋالىشىش تىلنىڭ ئاپىتى بولۇپ، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بىر-بىرىنى ئۆچ كۆرۈش ۋە بۆلۈنۈشكە ئىلىپ بارىدۇ.
  • ھەق بولغان ۋە ئۇسلۇبى گۈزەل بولغان دەۋالار مەدھىيەلەنسە، ھەقنى رەت قىلىدىغان، باتىلنى ئىسپاتلايدىغان ياكى دەلىل ئىسپاتسىز دەۋالار ياقتۇرۇلمايدۇ.