پاتىمە بىنتى ھۇبەيش پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سوئال سوراپ مۇنداق دېدى : مەندىن قان ئۈزۈلمەيدۇ، ھەتتا ھەيز كۆرمەيدىغان كۈنلەردىمۇ قان كېلىدۇ، بۇ قانمۇ ھەيزنىڭ ھۆكمىدە بولامدۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا نامازنى تەرك قىلىمەنمۇ؟. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «بۇ خۇن كېسىلىدىن كەلگەن قان، ئۇ بالياتقۇدىكى تومۇر ئۈزۈلگەنلىكتىن پەيدا بولغان بۇزۇق قان، ھەيزنىڭ قىنى ئەمەس، ئايلىق ئادىتىڭ بويىنچە خۇن كېسىلى بولۇشتىن ئىلگىرىكى ھەيز كۆرۈدىغان كۈنلەر كەلگەندە، نامازنى، روزىنى ۋە ھەيزدار ئايال ھەيزلىك ھالىتىدە قىلىش چەكلەنگەن ئىشلارنى تەرك قىلغىن. ئايلىق ھەيز كۆرىدىغان ۋاقتىڭ ئاخىرلاشقاندا، ھەيزدىن پاك بولغان بولىسەن، ھەيز كەلگەندە قاننىڭ ئورنىنى يۇغىن، ئۇنىڭدىن كېيىن چوڭ تەھارەتسىزلىكنى يوق قىلىش ئۈچۈن تولۇق يۇيۇنۇپ پۈتۈن بەدىنىڭنى يۇغىن، ئۇنىڭدىن كېيىن ناماز ئوقۇغىن.