ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنىڭ ھەيزدار ھالىتىمدە قۇچىقىمغا يۆلىنىپ قۇرئان ئوقۇيتتى سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
explain-icon

شەرھىسى

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ھەيزدارلىق ھالىتىدە قۇچىقىغا يۆلۈنۈپ يېتىپ قۇرئان ئوقۇيتتى. بۇ، ھەيزدارنىڭ بەدىنىنىڭ پاك، ھەيز بىلەن نىجىس بولمايدىغانلىقىغا دەلىلدۇر