explain-icon

شەرھىسى

ئۇلۇغ ساھابە ئۇممۇ ئەتىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ئاياللار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىن ئەۋرىتىدىن چىققان دۇغ ۋە سېرىقلىقنى ھەيز دەپ ئېتىبارغا ئالمايدىغانلىقىنى بۇنىڭ بىلەن ناماز ۋە روزىنى تەرك قىلمايدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى.

explain-icon

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  • ئايال ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىن ئەۋرىتىدىن كەلگەن دۇغ ۋە سېرىقلىقلار گەرچە قاندىن چىققان بولسىمۇ ئۇ ھەيز دەپ ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ.
  • ھەيز -ئادەت كۆرگەن ۋاقتىدا ئاياللاردىن كەلگەن دۇغ ۋە سېرىقلىق ھەيز دەپ ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ ھەيز ۋاقتىدىكى قاندىن ئىبارەتتۇر، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا ئۇ سۇ بىلەن ئارىلىشىپ كېتىدۇ.
  • ئايال ھەيزدىن كېيىن كەلگەن دۇغ ۋە سېرىقلىق سەۋەبىدىن نامازنى ۋە روزىنى تەرك قىلمايدۇ، بەلكى تاھارەت ئېلىپ نامازنى ئادا قىلىدۇ.