مۇئازە رەزىيەللاھ ئەنھا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن شەرىئەتنىڭ ھەيزدار ئايالنى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىپ نامازنىڭ قازاسىنى قىلماسلىقىدىكى ھىكمەت ۋە سەۋەب توغرۇلۇق سورىدى، گەرچە ناماز شەرىئەت نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا روزىدىن ئۇلۇغ. ئىبادەتنىڭ قازاسىنى قىلىشتا ناماز بىلەن روزىنىڭ ئارىسىنى پەرىقلەندۇرمەسلىك خاۋارىجلارنىڭ مەزھىبى ئىدى، ئۇ مەزھەب جاپا ۋە ئېغىرچىلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان. شۇ سەۋەبتىن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇئازەدىن سورىدى، سىز خاۋارىجمۇ؟ ئۇلار ئېتىقاد قىلغاندەك ئېتىقادتىمۇ؟ ئۇلار چىڭىتىۋالغاندەك ئېغىر يولدىمۇ؟ دېدى. ئۇ ئايال جاۋاب بىرىپ: مەن خاۋارىج ئەمەس، لېكىن بىلىش ئۈچۈن سوراۋاتىمەن، دېدى. ئائىشە: رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدە ھەيىزدار بولغىنىمىزدا ناماز ۋە روزىنى تەرىك ئېتەتتۇق، رەسۇلۇللاھ بىزنى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشقا نامازنىڭ قازاسىنى قىلماسلىققا بۇيرۇيتتى، ئەگەر نامازنى قازا قىلىش ۋاجىب بولسا سۇكۇت قىلماي ئۇلارنى بۇيرۇيتى، دېدى. ئائىشە: شەرىئەتنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش، چەك-چىگرالىرىدا توختاش ھىكمەت ۋە توغرا يولدۇر، دېمەكچى بولدى